Do You Ever Wonder...?·3/8

Can the Bible Be Trusted?

Have you ever wondered why followers of Jesus believe the Bible is the same today as when it was originally written? Archaeological evidence validates that today’s Bible consists of the same Scriptures originally written thousands of years ago.

ئۆزىڭىزنى سوراڭ

ئىنجىل نەقىللىرى

ھەمبەھىرلەش
2 Timothy 3:16

All Scripture is God-breathed and is useful for instruction, for conviction, for correction, and for training in righteousness,

Berean Standard Bible

Public Domain

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش...
ھەقسىز مەنبەلەر

ئىنجىلنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى خالامسىز؟

ئىنجىل تەتقىقاتىمىزغا قوشۇلۇڭ

تېكىست نۇسخىسى

Uyghur (ئۇيغۇر تىلى)
ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرى نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەسلىسى بىلەن بۈگۈنكىسى ئوخشاشلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سىز ئويلاپ باققانمۇ؟ مۇقەددەس كىتاب خۇدانىڭ مۇقەددەس يازمىلىرى بولۇپ ئۇنىڭ يېزىلىشىغا 1500 يىل سەرپ قىلىنغان. ئۇ ئەمەلىيەتتە بىزنى خۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەممە ئىنسانلارغا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچەملىرى ھەققىدە ئۆگىتىدىغان كىتاب توپلىمسىىدۇر. ئۇ تەۋرات ، زەبۇر ، ئىنجىل ۋە ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە يېزىلغان خەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بىزگە تەڭرىنىڭ بىزنى نىمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن تەرجىمىلىرى بار بولغاچقا بەزى كىشىلەر ئۇنى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزگىرىپ كەتتى دەپ ئويلايدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئەسلىدە ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغان بولۇپ ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر ئادەم خۇدانىڭ سۆزىنى ئۆز تىلىدا ئوقىيالىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەتتا بەزى تىللاردا ئۇنىڭ كۆپ خىل تەرجىمىلىرىمۇ بار ، ئەمما ھەممىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاش ساقلانغان. مۇقەددەس كىتابنىڭ ھەر بىر نۇسخىسى ئەسلى تېكىستلەرنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئارخولوگىيەلىك ئىسپاتلار بۇ كىتابنىڭ زامانىۋىي تەرجىمىلەرنى دەلىللەيدۇ. مەسىلەن ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 1-ئەسىرگىچە تۈزۈلگەن 981 قەدىمكى مۇقەددەس كىتاب قوليازمىلىرى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلۈك دېڭىز ئەتراپىدا تېپىلغان بولۇپ، بۇ قوليازمىلارنىڭ بىرى بۈيۈك يەشايا قوليازمىسى بولىدۇ. ئۇ يەشايا كىتابىنىڭ 66 بابىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ھەم ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ھەققىدە بېشارەت بەرگەن كىتابتۇر. بۈيۈك يەشايا قوليازمىسى زامانىۋىي مۇقەددەس كىتابدىكى يەشايا بىلەن ئوخشاشتۇر. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەيسا ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئىنجىل دېگەن قىسمىنى ئەيسانى كۆرگەن شاگىرتلىرى 1-ئەسىردە يېزىپ تۈزگەن. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺩﯨﻴﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ جەزىم قىلغان، ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ئەيسا ھەققىدە يېزىلغان قەدىمىي قوليازمىلىرىنىڭ 25000 پارچىدىن ئارتۇق نۇسخىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ ۋە ھازىرقى زامان مۇقەددەس كىتاب بىلەن ئوخشاش. ھەتتا ئەنگىلىيە كۈتۈپخانىسىدا كۆرگەزمە قىلىنغان گرېك تىلىدا يېزىلغان مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇسخىسى بار. ئۇ نۇسخىسىنىڭ نامى "كودېكس سىنايتىكۇس" ئۇ مىلادىيە 350 -يىللار ئەتراپىدا يېزىلغان بولۇپ ، بۈگۈنكى مۇقەددەس كىتاب بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاشتۇر. مۇقەددەس كىتاب قەدىمىي يازمىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن نۇسخىسى بار كىتابتۇر. ئىسپاتنىڭ ھەممىسىنى يىغقاندا ، بۈگۈنكى مۇقەددەس كىتاب ئەسلىدە نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى يېزىلغان ئوخشاش مۇقەددەس يازمىلاردىن تەركىب تاپقان.
JesusFilm