قىسقا فىلىم
Is There One God or Three?
3 مىنۇتFHD
Do You Ever Wonder...?8/88/8 قىسقا بۆلەك
Is There One God or Three?
Through visual images and descriptions and verses from the Bible it is possible to understand more about how God is both one and three at the same time...the Holy Trinity.
سوئاللارمۇناسىۋەتلىك سوئاللار
ئۆزىڭىزنى سوراڭئىنجىل نەقىللىرى
ھەمبەھىرلەش2 Corinthians 13:14
The grace of the Lord Jesus Christ, and the love of God, and the fellowship of the Holy Spirit be with all of you.
Berean Standard Bible
Public Domain
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش...تېكىست نۇسخىسى
Uyghur (ئۇيغۇر تىلى)
سىز ئويلاپ باققدنمۇ ؟ خىرىستىيانلار بىر خۇداغا ئىشىنەمدۇ ياكى ئۈچ خۇداغىمۇ ؟
خۇدا ھەر نەرسىگە قادىردۇر .
ئۇنىڭ قۇدرىتى ۋە ئۇلۇغلىقى ئىنسان ئەقلىدىن ئۈستىن تۇرىدۇ.
بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئۈزى خالىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ .
ئەمما ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۈزىنى ئىنسانلارغا ئاشكارىلىمايدۇ ، ۋە بىزنىڭ ئۈزىنى تۇنۇشىمىزغا يول قۇيىدۇ .
مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دىيىلگەن : ( پەرۋەردىگارىمىز خۇدا يەككە يىگانىدۇر )
ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى بىر سىر بولسىمۇ ،
لېكىن يازمىلار بىزگە سىرلارنى ئاشكارىلايدۇ.
شۇڭا بىز ئۇنىڭ كىملىكىنى چۈشۈنىشكە باشلايمىز .
بۇنى مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى
بىر ئۈزۈكنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .
بىر پۈتۈن ۋە مۇكەممەل
باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوق مۇكەممەل چەمبەر .
ئەمدى بۇ ئۈزۈكنىڭ ئۈچ تال يىپتىن ئىشىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ .
ئۇ يەنىلا بىر ئۈزۈك ئەمما ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان .
بىر – بىرىدىن ئايرىلماس لېكىن پەرقلىق .
بۇ ئوخشىتىش بىزنىڭ خۇدانىڭ سىرلىرىنى چۈشۈنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .
بۇ يەردە بىر تال يىپ خۇدانىڭ بىر شەخسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
بىرىنجى شەخىس بىزگە ئاتا سۈپىتىدە ئاشكارىلىنىدۇ .
كۈرۈنىدىغان ۋە كۈرۈنمەيدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياراتقۇچىسى
ئۇ ئەرىشتىكى تەختىدە سەلتەنەت سۈرىدۇ.
ئىككىنجى شەخىس بىزگە ئەيسا مەسىھ سۈپىتىدە ئاشكارىلىنىدۇ .
ئۇ ئىنسانلارغا ئاشكارىلانغان خۇدانىڭ ئىنسان تېنىدىكى ئوبرازىدۇر .
يەنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتالغان زاتتۇر .
مۇقەددەس كىتاپتا مۇنداق دىيىلگەن : خۇدا ئۆز ئوغلى ئارقىلىق بىزگە سۆز قىلدى .
ئۇ خۇدانىڭ جۇلاسى
ئۇ ياراتقۇچىنىڭ تۇلۇق نامايەندىسىدۇر.
خۇدا ئەيسا سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدى .
مەقسىدى ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ئاشكارىلاشتۇر.
ئۈچىنجى شەخىس مۇقەددەس روھ سۈپىتىدە ئاشكارىلىنىدۇ.
تەسەللىي بەرگۈچى
ئەيسا مۇنداق دىگەن : مەن ئاتامدىن تىلەيمەن
ئۇ سىلەرگە باشقا بىر تەسەللى بەرگۈچى ئەۋەتىدۇ .
ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە بۇلىدۇ .
ھەقىقەت روھىدۇر
ئۇ سىلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئىچىڭلاردا بۇلىدۇ .
مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇدانى تۇنۇشىمىزغا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .
مۇقەددەس كىتاپتىكى خۇدا يەككە يىگانىدۇر ، ھەممىگە قادىر خۇدادۇر .
بۇ ئۈچ شەخىسنىڭ مۇكەممەل بىرلىكى
بىزگە خۇدانىڭ ماھىيتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئاشكارىلايدۇ .
ۋە خۇدانىڭ ئىنساندىن نەقەدەر ئۈستىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
ئۇ يەككە -يىگانە مۇقەددەس خۇدا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۈزىنى ئىنسانلارغا ئاشكارىلاشنى ئۈزى قارار قىلىدۇ
ھەمدە بىزنى ئۈزى بىلەن ئاكتىپ مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەكلىپ قىلىدۇ .