قىسقا فىلىم
Did Jesus Come Back From the Dead?
3 مىنۇتFHD
Easter·3/223/22 قىسقا بۆلەك
Did Jesus Come Back From the Dead?
Jesus told people that he would die and then come back to life. This short film explains the details surrounding Jesus' death and resurrection.
سوئاللارمۇناسىۋەتلىك سوئاللار
ئۆزىڭىزنى سوراڭئىنجىل نەقىللىرى
ھەمبەھىرلەشJohn 11:25
Jesus said to her, “I am the resurrection and the life. Whoever believes in Me will live, even though he dies.
Berean Standard Bible
Public Domain
تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش...تېكىست نۇسخىسى
Uyghur (ئۇيغۇر تىلى)
سىز ئويلاپ باققانمۇ ؟ ئەيسا مەسىھ راسلا ئۆلۈمدىن تىرىلگەنمۇ ؟
بىز بۇنىڭ راسلىقىغان قانداق ئىشىنەلەيمىز ؟
ئەيسا ئۈچ يىل كىشىلەرگە تەلىم بەردى .
بىر كۈنى ئۇ ئۈزىنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرىغا ، ئۈزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى .
ئەمما ئۈزىنىڭ ئۆلۈمنى يىڭىپ قايتىدىن تىرىلىدىغانلىقىنى دىدى .
لېكىن شاگىرتلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمىدى .
شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان يەھۇدا ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلدى .
شۇنىڭدىن كىيىن ئالىي روھانىيلار ئەيساغا ناھەق تۆھمەت چاپلاپ جىنايەتچى دەپ ئەيىپلىدى .
خەلق يالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسىنى بىرىشنى تەلەپ قىلدى .
شاگىرتلىرى قورقۇپ قېچىپ كىتىشتى ، بەزىلىرى ھەتتا ئۇنى تۇنىمايمەن دەپ ئۇنىڭدىن تېنىشتى .
يەھۇدا بولسا گۇناھكارلىق ھىسياتىدا قىينىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى .
بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىدى .
يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار پەيغەمبەرلەر تەرپىدىن ئالدىن بىشارەت بىرىلگەن ئىدى .
شۇ دەۋىردىكى ئادەت بۇيىچە ، ئەيسا ئىككى جىنايەتچى بىلەن بىرگە
كىرىسقا مىخلىنىپ قەتلى قىلىندى .
رىم ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى .
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ جەسىتى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىندى ۋە كىرىش ئېغزىغا قاراۋۇللار قۇيۇلدى .
ئۈچۈنجى كۈنى
ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگىنىدە .
پەرىشتىلەر ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئىشىكىدىكى تاشنى يۆتكىۋەتتى ، قاراۋۇللار بۇنى كۈرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتتى .
ئاياللار ئىچكىرگە كىرگەندە .
ئۇلار بوش قەبرىنى كۆردى ، بىر پەرىشتە ئۇلارغا .
نىمىشقا تىرىكنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئىزدەيسىلە ؟
ئۇ بۇ يەردە ئەمەس ، ئۇ تىرىلدى دىدى .
ئاياللار دەرھال يۈگرەپ بېرىپ بۇ ئىشنى شاگىرتلارغا ئېيتتى . ئەمما ئۇلار ئىشەنمىدى .
تاكى ئەيسانىڭ ئۈزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈرۈنىپ .
( سىلەرگە تىنىچلىق يار بولسۇن ) دىگۈچە .
كىيىنكى قېررىق كۈن ئىچىدە ، ئۇ يەنە كۆپ قېتىم شاگىرتلارغا كۈرۈندى .
ئاسمانغا كۈتۈرلىشتىن بۇرۇن ، ئەيسا بەش يۈزدىن ئارتۇق كىشىگە كۈرۈندى .
بۇرۇن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن ، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن شاگىرتلىرى .
ئەمدى بولسا ئىشەندى ، ۋە ھەممىنى چۈشەندى .
ئۇلار ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەردى ، كۆپچىلىك بۇ گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى .
لېكىن ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى .
مۇشۇ گۇۋاھچىلارنىڭ سەۋەبىدىن .
بىز ئۇنىڭ ئۆلۈمى ۋە تىرىلىشىنىڭ ، ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنىچ قىلالايمىز .
ئەيسا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ بەدىلىنى تۈلەش ئۈچۈن ئۆلدى .
ئەمما ئۇ ئۈلۈمنى يىڭىپ قايتىدىن تىرىلدى .
بۈگۈن ئۇ ئاسماندا تىرىك .
ۋە بىر كۈنى قايتىپ كىلىپ ، ئۆلۈكلەر ۋە تىرىكلەرنى سۇراق قىلىدۇ .
سىز ئەيسانىڭ ئۆلۈمى ۋە ، تىرىلىشىگە قانداق جاۋاپ قايتۇرىسىز .