Easter·4/29

Why Did Jesus Have to Die?

God created humans to be spiritually and relationally connected with Him, but how can we keep God's commands? How can we live without shame? We can't restore ourselves to honor. It would seem we're doomed, except God doesn't want His creation to die. He is merciful and loving, and wants us to be restored, living with Him in full life.

ئۆزىڭىزنى سوراڭ

ئىنجىل نەقىللىرى

ھەمبەھىرلەش
Isaiah 53:5

But He was pierced for our transgressions, He was crushed for our iniquities; the punishment that brought us peace was upon Him, and by His stripes we are healed.

Berean Standard Bible

Public Domain

تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش...
ھەقسىز مەنبەلەر

ئىنجىلنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى خالامسىز؟

ئىنجىل تەتقىقاتىمىزغا قوشۇلۇڭ

تېكىست نۇسخىسى

Uyghur (ئۇيغۇر تىلى)
گۇناھ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە بىزنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرىدىغان توساقتۇر. ئەگەر ئىنسانلار ئۆز قىلمىشلىرىغا مەسئۇل بولسا ۋە گۇناھ سادىر قىلسا ، نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جاۋاب بېرىشكە چاقىرماي ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ؟ خۇدا مېھىر-مۇھەببەتتۇر، ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنى ئۆزئى بىلەن روھىي ۋە ئەلەقىي مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ياراتقان. ئەمما-لېكىن ئىنسانىيەت خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى ، گۇناھنى تاللىدى ، گۇناھ ۋىرۇسقا ئوخشاش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ ، ئىنسانىيەتتە داۋاملاشىپ ، كىشىلەرنى خۇدادىن ۋە بىر-بىرسىدىن ئايرىدى. خۇدا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق سۆزلەپ ئۇنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇ يېڭى بۇيرۇق ۋە پۇرسەتلەرنى بەردى، ئەمما ئادەمزات شۇ ئىشلاردا داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. بىزنى خۇدادىن ئايرى گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈمدۇر خۇدا مۇكەممەل ئادەلەتلىك بولغاچقا ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەچۈرەلمەيدۇ. خۇدا مۇقەددەس ۋە دۇرۇستۇر ئۇنىڭ مۇرەسسە قىلمايدىغان خاراكتېرى ئۇنىڭ گۇناھنى ھۆكۈم قىلىش ۋە جازالىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بىزئۆزىمىز ياراتقۇچىنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىپ ئۇنىڭ ھۆكۈمدىن قۇتۇلالامدۇق ؟ مەسىلە شۇكى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلالمايدۇ ، بىز گۇناھسىز ياشىيالمايمىز، ھەم ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرالمايمىز. قارىماققا بىز ھالاك بولغاندەك قىلىمىز. لېكىن خۇدا ياراتقان ئىنسانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايدۇ. ئۇ رەھىمدىل ۋە مېھرىبان ، بىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمىزنى ، ئۇنىڭ بىلەن تولۇق ھايات كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىبراھىمدىن باشلىنىپ ، باشقا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئەسىرلەر بويى داۋاملاشتى: خۇدا ئىنسانىيەتنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بەدەل قۇتۇلدۇرغۇچىنى ئەۋەتىش پىلانىنى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىدى بۇ قۇتۇلدۇرغۇچى ئەيسادۇر. ئۇ جەننەتتىكى شان-شەرەپ ئورنىدىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ ، ئىنسان قىياپىتىنى ئېلىپ ، ھەم بىز قىلالمايدىغان گۇناھسىزئۆمۈر سۈردى. ئاندىن ئەيسا ئىختىيارىي ھالدا گۇناھلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، بىز لايىق ئۆلۈم جازاسىغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆلدى. ئەمما ئۇنى ئۆلۈم تۇتالمىدى ئەيسا قەبرىدىن تىرىلىپ چىقىپ ، ئۆلۈم ۋە گۇناھنى يەڭدى. بىزنى خۇدا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلىدۇ. خۇدا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ، چۈنكى ئىنسانلار ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەچكە ئەيسا بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاش ئۈچۈن بىزگە نىجاتلىغىنى بەردى خۇدا بىلەن ئەسلىگە كەلگەن مۇناسىۋەت ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئەيسانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
JesusFilm